پومپېيو «2-شىمالىي ئېقىم» لايىھەسى ۋە خىتاي تېخنولوگىيەلىرىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو رۇسىيە گازىنى گېرمانىيەگە يەتكۈزىدىغان «2-شىمالىي ئېقىم» لايىھەسىنىڭ، ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1144100
پومپېيو «2-شىمالىي ئېقىم» لايىھەسى ۋە خىتاي تېخنولوگىيەلىرىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
Pompeo-Czaputowicz.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو پولشادىكى رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياسېك چابۇتوۋىچ (Jacek Czaputowicz) بىلەن كۆرۈشۈپ، بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مايك پومپېيو «2-شىمالىي ئېقىم» لايىھەسىنىڭ ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«ۋاشىنگتون تۇرۇبا يولى لايىھەسىگە قارشى چىقىدۇ، چۈنكى بۇ رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گاز ئېكسپورتىدىكى ئارتۇقچىلىقىنى ئاشۇرۇپ، باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنى رۇسىيەگە بېقىندى قىلىدۇ.»

ئۇ سۆزىدە، ئامېرىكا بىلەن پولشا ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىشارە قىلىپ، پولشانىڭ ناتو رامكىسىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك مەمنۇن ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ خىتاينىڭ تېخنولوگىيە ۋە تېلېگراف شىركىتى خۇاۋېي توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ، بۇ ھەقتە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت بولغان پولشانىڭ بۇ خىلدىكى تېخنولوگىيەلەرنى ئىشلىتىشىنىڭ ئۆزىنىڭ قارارىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى، بىراق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تېخنولوگىيەلىرىنى تاللاشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياسېك چابۇتوۋىچ «2-شىمالىي ئېقىم» لايىھەسى توغرىسىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر لايىھەنىڭ ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ياسېك چابۇتوۋىچ كۆرۈشۈشتە، پولشاغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى سانىنى كۆپەيتىش مەسىلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، پولشا بىلەن ئامېرىكانىڭ، رۇسىيەنىڭ بولۇپمۇ ئۇكرائىناغا تۇتقان ئۇرۇشخۇمار پوزىتسىيەسىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر