گېرمانىيە چەت ئەلدىن كۆپلەپ ئىقتىدارلىق كۆچمەن قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر ئىكەن

گېرمانىيەنىڭ 2060-يىلىغا كەلگەندە ھەر يىلى يۈز مىڭلارچە ئىقتىدارلىق كۆچمەن قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1144353
گېرمانىيە چەت ئەلدىن كۆپلەپ ئىقتىدارلىق كۆچمەن قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر ئىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا، گېرمانىيەنىڭ كەسپىي خادىملارغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ تولىمۇ يۇقىرى بولىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بېرتېلسمەن ۋەقپەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا، گېرمانىيەدە نوپۇس ئاۋۇش نىسبىتىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى تۈپەيلى كەسپىي خادىملارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ چەت ئەل پۇقرالىرى ئارقىلىق ھەل قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تەتقىقاتتا، نوپۇس ئاۋۇش نىسبىتى ئاشمىغان تەقدىردە 2060-يىلغىچە ھەر يىلى چەت ئەلدىن 260 مىڭ كۆچمەن ئىشچى قوبۇل قىلىشنىڭ زۆرۈر بولۇپ قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مۇتەخەسىسىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن يىلدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 114 مىڭ ئەمگەك كۈچى قوبۇل قىلالايدىغان بولۇپ، قالغان 146 مىڭ ئادەمنى باشقا دۆلەتلەردىن قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

بۇ قېتىمقى تەتقىقاتتا چىققان يەنە بىر يەكۈنگە قارىغاندا، ناۋادا گېرمانىيە كۆچمەن قوبۇل قىلمىغان تەقدىردە 2060-يىلىغا كەلگەندە نوپۇسى 16 مىليون ئازىيىپ كېتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر