ب د ت: جەنۇبىي سۇداندا مىڭلارچە پۇقرا يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

جەنۇبىي سۇداندا قايتىدىن باشلانغان توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە 13 مىڭ پۇقرانىڭ يۇرت – ماكانىدىن مەھرۇم قىلدى.

1144575
ب د ت: جەنۇبىي سۇداندا مىڭلارچە پۇقرا يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى، جەنۇبىي سۇداندا قايتىدىن باشلانغان يېقىندىن بۇيانقى توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ 13 مىڭ پۇقرانى يۇرت – ماكانىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى باياناتچىسى بابور بالوچ، ب د ت مۇھىت ئاسراش ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، جەنۇبىي سۇدانلىق 5 مىڭ ئەتراپىدا پۇقرانىڭ كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئىتۇرى ئۆلكىسىنىڭ ئىڭبوكولو بازىرى ئەتراپىدىكى يېزىلارغا، 8 مىڭ ئادەمنىڭ بولسا، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا رايونلارغا قاچقانلىقىنى ئېيتتى.

جەنۇبىي سۇدانلىق پۇقرالارنىڭ ئارمىيە ۋە «مىللىي ئازادلىق فىرونتى» ئارىسىدا 19 – يانۋاردا باشلانغان توقۇنۇشلار تۈپەيلى يۇرت – ماكانلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بالوچ، بۇ كىشىلەر پىيادە ھالدا يېتىپ بارغان كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى جايلارنىڭ نورمال ئەھۋالدىمۇ بېرىش قىيىن جايلار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئۇ، ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان جەنۇبىي سۇدانلىق مۇساپىرلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلاردىن تەركىپ تاپىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر