ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ھۆكۈمەتنىڭ تاقالماسلىقى مەسىلىسىدە پۈتۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مەجلىسنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكرات ئەزالىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئىككىنچى قېتىم تاقالماسلىقى ئۈچۈن چېگرا بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە پىرىنسىپ جەھەتتىن پۈتۈشتى.

1143802
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ھۆكۈمەتنىڭ تاقالماسلىقى مەسىلىسىدە پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى رىچارد شېلباي، جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكرات ئەزالار ئوتتۇرىسىدا دۆلەت ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 قانۇن لايىھەسى ئۈستىدە پىرىنسىپ جەھەتتىن كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى، ھەر ئىككى پارتىيەدىن ئىككى ۋەكىلنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قايتا تاقالماسلىقى مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە بولسا، دېموكراتلارنىڭ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ تەلىپىگە بىنائەن چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن 1.3 مىليارد دوللار چىقىم ئاجرىتىشنى قوبۇل  قىلغانلىقى، بىراق چېگرا رايونىغا سېپىل سوقۇش تەلىپىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ترامپنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن مېكسىكا چېگراسىغا 5.7 مىليارد دوللارلىق چىقىم كېتىدىغان بىر سېپىل سوقۇشنى تەلەپ قىلىشى، دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى چىقىشى سەۋەبىدىن فېدېرال ھۆكۈمەت ئۇدا 35 كۈن تاقىلىپ قالغانىدى.

كېيىن ئاۋام پالاتاسى ۋە پالاتانىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن ئۈچ ھەپتىلىك خامچوت لايىھەسى، ترامپنىڭ ئىمزالىشىدىن كېيىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا فېدېرال ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇددەت تاقىلىپ قېلىش باسقۇچى ئاخىرلاشقانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقسارايدا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان، كېلىشىمنىڭ مېكسىكا چېگراسىغا سېپيل سوقۇش ئۈچۈن ئۆزى تەلەپ قىلغان 5.7 مىليارد دوللارلىق مەبلەغنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ۋاقىتلىق كېلىشىم دائىرىسىگە داخىل قىلىنغان 3 ھەپتىلىك ۋاقىتلىق قارارنىڭ مۇددىتىنىڭ ناھايىتى تېز توشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، دۆلەت مەجلىسىدىكى پالاتا ئەزالىرى چېگرا بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ئادىل بىر شەكىلدە كېلىشەلمىگەن تەقدىردە، ھۆكۈمەتنىڭ 15 – فېۋرال كۈنى قايتىدىن تاقىلىپ قالىدىغانلىقىنى،  ياكى ئۆزىنىڭ پىرېزىدېنتلىق ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئىشقا سالىدىغان «جىددىي ھالەت » ئېلان قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر