ئىران يادرو پىروگراممىسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىراق پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1142823
ئىران يادرو پىروگراممىسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، ئىراننىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇش يولىدا ئىزچىل تىرىشىدىغانلىقىنى ۋە يادرو پىروگراممىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېھراننىڭ ئازادى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ 40-يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلغان رۇھانى: ھەر خىل تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن باشقىلاردىن رۇخسەت ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەربىي كۈچىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىمىز، دېدى.

ئىران تاشقى ئشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېھران ھاكىمىيىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ 2231 نومۇرلۇق قارارىغا زىت ھەرىكەت قىلغانلىقى توغرۇلۇق بەرگەن باياناتى ھەققىدە مەخسۇس بايانات بەرگەنىدى.

قاسىمى مۇنداق دېگەنىدى: «ئامېرىكا بۇنداق مەسىلىلەرنى  كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىدە يولغا قويغان خاتا ئىستراتېگىيەسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن يادرو كېلىشىمى ۋە ب د ت نىڭ 2231 نومۇرلۇق قارارىنىڭ نەتىجىسىز  بولغانلىقىنى دەپ كەلمەكتە. بۇ قارارغا زىت ھەرىكەت قىلغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققان ئامېرىكادۇر ، ئىران مۇداپىئە ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىنى توختاتمايدۇ.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2015-يىلى 14-ئىيۇلدا ۋىيانادا ئامېرىكا، خىتاي، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ۋە 2016-يىلى 16-يانۋاردا يولغا قويۇلغان كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانى ناملىق يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ۋە ئىرانغا قايتىدىن ئېمبارگو قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىككى باسقۇچلۇق ئېمبارگولارنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بۇلتۇر7-ئاۋغۇستتا، ئىككىنچى باسقۇچى بولسا بۇلتۇر 5-نويابىردا يولغا قويۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر