ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە سۈرىيەدىن رەسمىي چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئامېرىكا ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى قوماندانلىرىدىن گېنېرال جوسىپ ۋوتېل،ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە سۈرىيەدىن رەسمىي چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1142817
ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە سۈرىيەدىن رەسمىي چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى قوماندانلىرىدىن گېنېرال جوسىپ ۋوتېل، سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە چېكىنىشكە باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

گېنېرال ۋوتېل، مۇخبىرلارنىڭ سۈرىيەدىكى 2000دەك ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاچان چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى توغرۇلۇق سورىغان سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئەسكەرلىرىمىز بەلكىم بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە چېكىنىشكە باشلىشى مۇمكىن، بىراق بۇ شارائىتقا باغلىقتۇر، لېكىن چوقۇم چېكىنىپ چىقىمىز.»

گېنېرال ۋوتېل، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىپ چىقىشىنىڭ يەنىلا شارائىتقا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى بىر قىسىم ھەربىي ئەسلىھەلەرنى يۆتكەشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

گېنېرال ۋوتېل: ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈش ھەربىي ئەسلىھەلەرنى يۆتكەشكە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان، بۇ سەۋەبتىن ئالدى بىلەن ھەربىي ئەسلىھەلەرنى يۆتكەۋاتىمىز، دېدى.

ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق توختالغان ۋوتېل، ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنىڭ شۇ پېتى قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋوتېل مۇنداق دېدى: «ئېھتىياجىمىز بولمىغان ياكى ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقان ئەسكەرلەرنى قايتۇرۇۋېتىمىز.»

ئامېرىكانىڭ ئىراقتىكى دائېشچىلارنى بىر تەرەپ  قىلىش ئۈچۈن 5000دەك ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر