ئۇكرائىنا قىرىم ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا

ئۇكرائىنا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، مۇشۇ ئاي ئىچىدە قىرىمغا يېقىن جايدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1142258
ئۇكرائىنا قىرىم ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «2019 – يىلى جەمئىي 4 قېتىم ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلىدۇ. بىرىنچى مانېۋىر فېۋرال ئېيىدا قىرىمغا يېقىن جايدىكى خېرسوننىڭ ياگورلىك مەشىق رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئايروپىلان ئاتقۇچى بومبىلارنى سىناق قىلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇكرائىنا باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشۈرگۈچى راكېتامىيوتچى قىسىملار باشلىقى يۇرىي ستاۋىسكىيمۇ بايانات بېرىپ، «پۈتۈن دىققىتىمىزنى مانېۋىرغا مەركەزلەشتۈرىمىز. بۇ يىل ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان مانېۋىرلارنى ئۆتكەن يىلقى مانېۋىرلاردىنمۇ كەڭ دائىرىدە ئۆتكۈزىمىز. بۇ يەردە Buk-M1 ۋە 300پ ئىشلىتىلىدۇ. (مانېۋىرلارنى) تولۇق مەنىدىكى بىر ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۆتكۈزىمىز، ئەسلىدە مەقسىتىمىزمۇ بۇ» دېدى.

رۇسىيە، 25 – نويابىردا قانۇنسىز ھالدا دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۇكرائىنا پاراخوتلىرىنى ئوققا تۇتقان ۋە 3 ئۇكرائىنا پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلغان؛ ئۇكرائىنا تەرەپ ھۇجۇمدا 6 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ۋەقەدىن كېيىن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو ئۇكرائىنا خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە كېڭىشىنى جىددىي يىغىنغا چاقىرغان. ۋەقەدىن كېيىن ئۇكرائىنا پارلامېنتى، دۆلەتنىڭ بەزى جايلىرىدا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشقا دائىر قارارنى ماقۇللىغانىدى.

ئۇكرائىناغا قاراشلىق قىرىمنى 2014 – يىلى ئۆزىگە قوشۇۋالغان رۇسىيە، ۋەقەنىڭ ئۇكرائىنا تەرىپىدىن پىلانلىق، غەرەزلىك ھالدا قىلىنغان بىر خىل قۇتراتقۇلۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، ئۇكرائىنامۇ موسكۋانى ۋەقەنىڭ جاۋابكارى دەپ قارىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر