نيۇيوركتا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىگە قارشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

1142075
نيۇيوركتا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
abd cin protesto1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك ۋە قىزىل بايراقلارنى كۆتۈرۈشكەن نامايىشچىلار، خىتاينىڭ مانخاتتاندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك»، «بېشىڭنى بوراپ بىپەرۋا بولۇۋالما»، «ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىڭلار» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى چىقاردى ۋە شوئارلارنى توۋلاپ، ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قىلىنىۋاتقان بېسىملارغا خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئىسلام توپلۇقى مىللىي گۈرۈش (قاراش) جەمئىيىتى باشلىقى ئايھان ئۆزمەكىك نامايىشتا سۆز قىلىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىمىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن يىغىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە ئامېرىكا ئىسلام توپلۇقى مىللىي گۈرۈش (قاراش) جەمئىيىتىنىڭ دۇنيانىڭ بارلىق پىرېزىدېنتلىرىغا، باش مىنىستىرلىرىغا مەكتۇپلار ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك بىر يىغىنغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن گېرمانىيەدىن نيۇيوركقا بارغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىقى دولقۇن ئەيسامۇ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملارنىڭ سېلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)دىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن، تۈركىيەدىن ۋە دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدىن ئىنسانىيەت نامىدىن ھېچقانداق گۇناھى يوق تۇرۇپ قىيىن – قىستاققا ئۇچراۋاتقان، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر خەلقىگە ئىگە چىقىشلىرىنى، خىتايغا قىلىۋاتقان بېسىملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشلىرىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر