ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن خانويدا ئۇچرىشىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن 27 – 28 – ئاپرېل كۈنلىرى ۋېيتنامنىڭ پايتەختى خانويدا بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

1141950
ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن خانويدا ئۇچرىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ  شىمالىي كورېيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېپھېن بىئېگۇن شىمالىي كورېيەدە 3 كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى.

 پىيوڭياڭ زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن سېئۇلغا ئۆتكەن بىئېگۇن، جەنۇبىي كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى  كاڭ كىيۇڭ خۋا ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ يادرو ئىشلىرى ۋەكىلى لې دوخون بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلارغا پىيوڭياڭ زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «سۆھبەتلىرىمىز ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قەدەم تاشلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىز ناھايىتى كۆپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئىجابىي قەدەم تاشلىسا، ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، بىئېگۇننىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىلى كىم كىيوكچول بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئۇچرىشىشتا، «ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ سىنگاپوردىكى ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، ئامېرىكا - شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش ۋە كورېىيە يېرىم ئارىلىدا سىجىل تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈش پىلانىنى ئىجرا قىلىش» قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، بىئېگۇن بىلەن كىم كىيوكچولنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ 27 – 28 – ئاپرېل كۈنلىرى ۋېيتنامنىڭ پايتەختى خانويدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان 2 – قېتىملىق ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا تەكرار بىر يەرگە جەم بولۇش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن خانويدا كۆرۈشۈشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي كورېيە كىم جوڭئۇن رەھبەرلىكىدە ناھايىتى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ مەركىزىگە ئايلىنىدۇ، بۇ بەزىلەرنى ھەيرەتتە قالدۇرۇشى مۇمكىن، ئەمما مېنى ھەيرەتتە قالدۇرالمايدۇ، چۈنكى مەن كىم جوڭئۇننىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى توشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم،  تونۇغاندىن كېيىن، كىم جوڭئۇننىڭ شىمالىي كورېيەنى ناھايىتى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ مەركىزىگە ئايلاندۇرالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم، شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئوخشىمىغان شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ساھەدە گۈللىنىدۇ.»

ترامپ ئىلگىرى شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن 27 – 28 – فېۋرال كۈنلىرى ۋېيتنامدا بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، لېكىن، ئۇچرىشىشنىڭ قايسى شەھەردە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرمىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر