پ ك ك ئاۋىستىرىيەدە جىنايەت سادىر قىلدى

ئاۋىستىرىيەنىڭ ۋورالبېرگ ئۆلكىسىگە قاراشلىق دونبىرن شەھىرىدە ئىجتىمائىي ئىشلار بىيورۇسىنىڭ مەسئۇلى پ ك ك ئەزاسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.

1141449
پ ك ك ئاۋىستىرىيەدە جىنايەت سادىر قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋىستىرىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دورنبىرن شەھىرىدە ئالدىنقى كۈنى34 ياشلىق بىر كىشى ئىجتىمائىي ئىشلار بىيورۇسىنىڭ مەسئۇلى بىلەن تالاش – تارتىش قىلغان، تالاش – تارتىش نەتىجىسىدە 49 ياشلىق ئىجتىمائىي ئىشلار مەسئۇلى 34 ياشلىق كىشى تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ ئۆلتۈۈرۈلگەن.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، 2009 – يىلى كۆپ ساندا جىنايەتكە ئارىلاشقانلىقى ئۈچۈن سىياسىي پاناھلىق تەلىپى رەت قىلىنىپ، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان مەزكۇر شەخس، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا قانۇنسىز يوللار بىلەن ئاۋىستىرىيەگە كىرگەندىن كېيىن،  تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى سۈپىتىدە «تۈركىيە ئارمىيەسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەكرار سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن.

خەۋەرلەردە ئەسكەرتلىشىچە، مەزكۇر شەخس سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنىڭ ئاۋىستىرىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئىشلار بىيورۇسىنىڭ مەسئۇلى بىلەن تالاش – تارتىش قىلغان، ئارقىدىن تەلىپىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىجتىمائىي ئىشلار بىيورۇسىنىڭ مەسئۇلىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن، كېيىنچە ئۇ دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن.

ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاتىل قىلمىشىغا پۇشايمان قىلمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، قاتىلنىڭ كىملىكى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلانمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر