ماكرون چەت ئەل زىيارەتلىرىنى بىكار قىلدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون سېرىق جىلىتكىلىكلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەت يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چەت ئەل زىيارەتلىرىنى بكار قىلدى.

1141635
ماكرون چەت ئەل زىيارەتلىرىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئېلىس سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ نامايىشلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ۋە 15 – مارتقىچە داۋاملىشىدىغان سۆھبەت يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چەت ئەل زىيارەتلىرىنى بىكار قىلىدىكەن. بۇ دائىرىدە كېلەر ھەپتە گېرمانىيەدە چاقىرىلىدىغان «مىيۇنخېن بىخەتەرلىك كونفېرانسى» غا قاتناشمەيدىكەن.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ «مىيۇنخېن بىخەتەرلىك كونفېرانسى» دا بىر يەرگە جەم بولۇشى كۈتۈلۈۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر