ئىراق باش مىنىستىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باياناتىغا ئىزاھات بېرىشى كېرەك

ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپتىن ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىغا ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

1139656
ئىراق باش مىنىستىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باياناتىغا ئىزاھات بېرىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇيلمەھدى پايتەخت باغدادتا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تېرروتېرىيەمىزنى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ باشقا ئەللەرگە ھۇجۇم قىلىشى ئۈچۈن قوللىنىشىنى قوبۇل قىلالمايمىز.»

ئىراقتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي بازىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئابدۇلمەھدى، ئىراق ئەسكەرلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن پەقەت ئامېرىكىلىق مەسلىھەتچىلەرنىڭلا بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ «‹ CBS › تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، دۆلىتىنىڭ ئىراقتىكى «‹ئەينۇل ئەسەد› ھەربىي بازىسى» ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ پۇل چىقىم قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئىراقتىكى ھەربىي بازىمىزنى ساقلاپ قېلىشتىكى  سەۋەبلەردىن بىرى، ئىراننى كۆزىتىش ئۈچۈندۇر، چۈنكى ئىران مەسىلە پەيدا قىلىۋاتىدۇ» دېگەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2003 – يىلى ئىشغال قىلغان ئىراقتا تەخمىنەن 166 مىڭ ئەسكىرى بىلەن 2011 – يىلى دېكابىرغىچە ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان، شۇنىڭدىن كېيىن سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن بارلىق ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەنىدى.

بىراق تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 2014 – يىلى 10 – ئىيۇن كۈنى ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن كېيىن، ئىراقنىڭ شۇ دەۋردىكى باش مىنىستىرى نۇرى ئەلمالىكىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن، ئامېرىكا ئىراققا قايتىدىن ئەسكەر ئەۋەتكەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن يېقىندا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2014 – يىلى ئىمزالانغان «ھەربىي ئىستىراتېگىيەلىك كېلىشىم» گە ئاساسەن، نۆۋەتتە ئىراقتا 5 مىڭغا يېقىن ئامېرىكا ئەسكىرى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر