ئامېرىكا:«پ ك ك نى قوغداش خىزمىتىمىزنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى قوماندانلىرىدىن جوسېف ۋوتېل ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى ي پ گ- پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوغداپ كېلىشىنىڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ۋە دىپلوماتىك خىزمەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1139675
ئامېرىكا:«پ ك ك نى قوغداش خىزمىتىمىزنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى قوماندانلىرىدىن جوسېف ۋوتېل، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى ي پ گ- پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوغداپ كېلىشىنىڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ۋە دىپلوماتىك سەۋىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋەزىپىسىنى بۇ يىل مارتتا گېنېرال كېننېس ماككېنزىيغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان  گېنېرال ۋوتېل، ئاخىرقى قېتىم ئالىي پالاتا قوراللىق خىزمەتلەر كومىتېتى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش قارارى ئۈستىدە توختالغان ۋوتېل، سۈرىيەدە دائېشنىڭ چاڭگىلىدا 30 كىلومېتىرلىق جاينىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

گېنېرال ۋوتېل سۈرىيە مىقىياسىدا 20، 30 مىڭ ئەتراپىدا دائېشچى بارلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ يەر ئاستىغا مۆكۈنىۋالغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان رايونلاردا بولسا  1500 ئەتراپىدا دائېشچىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەدىن چېكىندۈرۈپ چىقىش خىزمىتىنىڭ ئېنىق ۋاقتى يوقلىقىنى ئېيتقان ۋوتېل: پىرېزىدېنتىمىز قارار بەردى، بىز پەقەت ئۇنىڭ يوليۇرۇقى بويىچە ئىش قىلىمىز، دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش قارارىدىن ئۆزىنىڭ ئالدىن خەۋىرى يوقلىقىنى ۋە ترامپنىڭ بۇ ھەقتە ئۆزىگە مەسلىھەت سالمىغانلىقىنى ئېيتقان ۋوتېل، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ مۇشۇنداق بىر نىيىتىنىڭ بارلىقىنى  بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ پىلان بويىچە سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋوتېل مۇنداق دېدى: «شىرىكىمىز بولغان كۈرتلەرنى قوغداش، تۈركىيەنىڭ چېگرادىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى ۋە دائېشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز.»

ئامېرىكانىڭ ي پ گ –پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوغداپ كېلىشى توغرۇلۇق سورالغان بىر سوئالغا قارىتا، ۋوتېل مۇنۇلارنى دېدى: «دائېشنى قانداق يوقىتىش ۋە سۈرىيەدىن ئەسكەرلىرىمىزنى  قانداق چېكىندۈرۈپ چىقىش توغرۇلۇق پىلانىمىز بار، بۇ پىلانىمىزغا يەنە تۈركىيەنى قوغداش ۋە سۈرىيەدىكى بەزى رايونلاردىن تۈركىيەگە كېلىدىغان تەھدىتلەرنى تۈگىتىشكە مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنىمۇ قوشتۇق، بىز نۆۋەتتە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە بىز بىلەن بىر سەپتە جەڭ قىلغانلارنىڭ، شۇنداقلا بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىشىمىزغا ياردەم قىلغانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىقلار ھەربىي ۋە دىپلوماتىك سەۋىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.»

سۈرىيەدە ي پ گ –پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا چىققان خەۋەرلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋوتېل ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «بىز سۈرىيەدە شۇنى ئۆگەندۇق: سۈرىيەدىكى تەرەپلەر ئۆز-ئارا سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن، ئەمەلىيەتتە بىزمۇ مۇشۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتۇق.»

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر