ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش ئورنى ۋە ۋاقتى مۇئەييەنلەشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىنى 27-، 28- فېۋرال كۈنلىرى ۋىيېتنامدا ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1139632
ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش ئورنى ۋە ۋاقتى مۇئەييەنلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ پىرېزىدېنت بولغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق «ئىتتىپاقنىڭ ئەھۋالى» ناملىق نۇتقىنى ئاۋام پالاتا ئومۇمىي كېڭەش زالىدا سۆزلىدى.

29 – يانۋاردا سۆزلىنىشى پىلانلانغان بولسىمۇ، فېدېراتىپ ھۆكۈمەت يېپىق بولغانلىقى ئۈچۈن 5 – فېۋرالغا كېچىكتۈرۈلگەن نۇتقىنى سۆزلىگەن يىغىنغا ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس بىلەن ئاۋام پالاتانىڭ دېموكراتىك قاناتقا مەنسۇپ باشلىقى نەنسي پېلوسى رىياسەتچىلىك قىلدى.

ترامپنىڭ رەپىقىسى مېلانىيا ترامپمۇ ئىشتىراك قىلغان يىغىندا، دۆلەتنىڭ پەرقلىق جايلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان كۆپلىگەن زاتلارمۇ زالدىن ئورۇن ئالدى.

ترامپ سۆزى جەريانىدا، شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئىككىنچى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ 27-، 28- فېۋرالدا ۋىيېتنامدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ، كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە دىپلوماتىك ئۇسۇلدا چارە تېپىشقا ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلغانلىقلىرىنى ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا باشلىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «گۆرۈدىكى كىشىلىرىمىز ئۆيلىرىگە قايتتى، يادرو سىناقلىرى توختىدى ۋە 15 ئايدىن بۇيان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلىنمىدى. ئەگەر مەن پىرېزىدېنت بولمىغان بولسام، شەخسىي قارىشىم شۇكى، شىمالىي كورېيە بىلەن ئېغىر بىر ئۇرۇشنىڭ گىرۋىكىدە بولۇشىمىز مۇمكىن ئىدى» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن، 2018 – يىلى 12 – ئىيۇندا سىنگاپوردا كۆرۈشۈپ، كەڭ دائىرىلىك بىر كېلىشىمگە ئىمزا قويغانىدى.

مەزكۇر ئۇچرىشىشتىن كېيىن كىم جوڭئۇن ھۆكۈمىتى يادرو قورالى پىلانىنى توختىتىپ قويغان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىغا خاتىمە بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر