رۇھانى: رايون ۋە دۇنيادىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئامېرىكىنىڭ مۇداخىلىلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇداخىلىلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1140173
رۇھانى: رايون ۋە دۇنيادىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئامېرىكىنىڭ مۇداخىلىلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت تېھراندا چاقىرىلغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە سۆز قىلغان ھەسەن رۇھانى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىرانغا قارشى سۆزلىرىگە جاۋاب بەردى.

ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ ئىران خەلقى توغرىسىدا ئومۇمەن خاتا ۋە نامۇۋاپىق ئورغۇدا سۆز قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن رۇھانى، «بىز دۇنيادا ۋە رايوندا دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئورۇنسىز مۇداخىلىلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى ھەممە بىلىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە قوللاپ – قۇۋۋەتلەۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ 1979 – يىلىدىكى ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە 17 مىڭ ئىرانلىقنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن رۇھانى، ئىراننىڭ تېررورنىڭ قۇربانى بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە تېررورىزمغا قارشى قەتئىي مەيداندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئامېرىكىلىقلار نۆۋەتتە لاتىن ئامېرىكىسىغا ۋە ۋېنېزۇئېلانىڭ تەقدىرىگە مۇداخىلە قىلىۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ پۈتۈن جايلىرىدا ئامېرىكىنىڭ مۇداخىلىلىرىگە گۇۋاھ بولماقتىمىز. ئۇلار ياقلاۋاتقان بۇ مۇساپە نە ئۇلارغا نە ئامېرىكا خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق «ئىتتىپاقنىڭ ئەھۋالى» نۇتقىدا، ئىراننىڭ تېررورنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «تېھراننىڭ ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا ۋە يەھۇدىيلارغا تەھدىت سېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقلىرى» نى دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر