پاپا مادۇرونىڭ مەكتۇپى توغرىسىدا توختالدى

كاتولىك دۇنياسىنىڭ روھانىي رەھبىرى پاپا فرانسىسكۇس، ۋېنېزۇئېلادىكى تەرەپلەر كېلىشىپ تەلەپ قىلغان تەقدىردە، مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك رولىنى ئويناشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1139751
پاپا مادۇرونىڭ مەكتۇپى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاپا فرانسىسكۇس ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ رىمغا قايتىش يولىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئىسپانىيەنىڭ EFE خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاپا، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نېكولاس مادۇرونىڭ دۆلىتىدىكى ۋەقەلەرگە مۇداخىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ يازغان مەكتۇپىنى تېخى ئوقۇمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مەكتۇپنى تېخى ئوقۇمىدىم. نېمىلەرنى قىلىشقا بولىدۇ، قارايمىز» دېگەن ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىر مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك قىلىش ئۈچۈن تەرەپلەر (ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نېكولاس مادۇرو بىلەن ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت ئېلان قىلغان مىللىي مەجلىس باشلىقى خۇەن گۇايدو) نىڭ رازىلىقىغا ئېھتىياج بار. باشلانغۇچ شەرتلىرى ناھايىتى روشەن. تەرەپلەر بۇنى تەلەپ قىلسۇن، بىز ھەردائىم تەييارمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.

مۇرەسسەلەشتۈرۈشكە ئۆتۈشتىن ئىلگىرى بەزى كىچىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلغان پاپا، «پەقەت ۋاتىكانلا ئەمەس، پۈتكۈل دىپلوماتىك تەرەپلەر كىچىك باشلانغۇچ قەدەمەلەرنى تاشلىشى كېرەك. بىرى يېقىنلىشىش يەنە بىرى ئۆتكۈزۈلگۈسى دىيالوگنى باشلىتىش ئۈچۈن. دىپلوماتىيە مۇشۇنداق ئىلگىرىلەيدۇ» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نېكولاس مادۇرومۇ ئىتالىيە Sky 24 قانىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، «ھەزرىتى ئىسانىڭ خىزمىتىدە ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ، پاپا فىرانسىسكۇسقا بىر پارچە مەكتۇپ يائەۋەتتىم. رىمغا، ۋاتىكانغا يېتىپ باردى ياكى بېرىش ئالدىدا دەپ ئويلايمەن. بۇ رۇھ بىلەن دىيالوگنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە مۇساپىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلدىم» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر