پ ك ك بىلەن ئەسەد ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتمەكتە

ي پ ك -پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتى بىرلىكتە فىرات دەرياسىنىڭ ئاستىغا تۇرۇببا لىنىيەسى ياساپ چىقتى.

1139876
پ ك ك بىلەن ئەسەد ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ- پ ك ك  بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قولىدىكى نېفىتلارنى يۆتكەش ئۈچۈن، دەيرىزوردا فىرات دەرياسىنىڭ ئاستىغا تۇرۇببا لىنىيەسى ياساپ چىقتى.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەيرىزورنىڭ غەربىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئەسەد ھاكىمىيىتىغا قاراشلىق شىركەتلەر، ي پ گ-پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن سېتىۋالغان نېفىتلارنى تېز سۈرئەتتە يۆتكەش ئۈچۈن ي پ گ- پ ك ك ئىشغالىيىتىدىكى شۇھەيل رايونىدىن ئەسەدنىڭ كونتروللۇقىدىكى بۇكرىس رايونىغا تۇرۇببا ياساپ چىققان.

فىرات دەرياسىنىڭ ئاستىدىن ئۆتىدىغان تۇرۇببا لىنىيەسىدىن نۇرغۇن مىقداردا نېفىت يۆتكىگىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەسەدكە تەۋە شىركەتلەر بۇرۇن ي پ گ- پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن سېتىۋالغان نېفىتلارنى نېفىت ماشىنىلىرى بىلەن يۆتكەپ كېلىۋاتاتتى.

ئامېرىكا قوللاپ كېلىۋاتقان ي پ گ – پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى، سۈرىيەدىكى نېفىت بايلىقلىرىنىڭ %70ى كونترول قىلماقتا.

ي پ گ-پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتى، 2018-يىلى ئىيۇلدا ئىراق چېگراسىغا جايلاشقان دەيرىزوردا ي پ گ-پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ چاڭگىلىدىكى نېفىت قۇدۇقلىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلىغانىدى.

سۆھبەت دائىرىسىدە رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىلەرمۇ بولغان بىر ھەيئەت، ي پ گ-پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى ئەل ئۆمەر نېفىت بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانىدى. بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەل ئۆمەر نېفىت بازىسى سۈرىيە بويىچە نېفىت زاپىسى ئەڭ مول رايون ئىكەن.

ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ي پ گ – ك ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى، خاسەكى ۋىلايىتىدىكى نېفىت قۇدۇقلىرىدىن چىقىرىلغان نېفىتلاردىن كېلىدىغان كىرىملارنى بۆلۈشىدۇ.

بۇ ئىككى شىرىك خاسەكىدىكى 9 نېفىت قۇدۇقىنى بىرلىكتە كونترول قىلماقتا.

ي پ گ- پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى 2017-يىلى ئىيۇلدا رۇمەيلەندتىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قايتىدىن ئەسەدكە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كىرىملەرنى بۆلۈشۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىدۇ.

كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا، ئەسەد ھاكىمىيىتى نېفىتتىن كېلىدىغان كىرىمنىڭ %65نى، ي پ گ- پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى بولسا %20سىنى ئالىدۇ، تېررورلۇق تەشكىلاتى قالغان كىرىمنى نېفىت قۇدۇقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ئەرەب قوراللىق كۈچلىرىگە تارقىتىپ بېرىدۇ، مۇھاپىزەتچىلەر ۋە باشقا خادىملارنىڭ مائاشىنى بولسا ئەسەد ھاكىمىيىتى بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر