نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى
نىگېرىيەنىڭ زامفارا ئۆلكىسىدە نامەلۇم كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىدا 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1140054
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى باياناتچىسى مۇھەممەد شېھۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زامفارا ئۆلكىسىنىڭ گاسائۇ رايونىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 15 كىشى قازا قىلغان، 6 ئايال گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان. فۇلانى چارۋىچىلىرى نىشان قىلىنغان ھۇجۇمدا كۆپلىگەن ئۆي – ماكانلارغا ئوت قويۇپ بېرىلگەن.
دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھۇجۇمدىن كېيىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ئاياللارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.
ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردىمۇ 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
ئىگىلىنىشىچە، نىگېرىيەنىڭ زامفارا ئۆلكىسىدە يايلاق قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن دېھقانلار بىلەن چاۋچىچىلار ئوتتۇرىسىدا پات - پات توقۇنۇش يۈز بېرىدىكەن.