مورو مۇسۇلمانلىرى سىياسىي تەقدىرى ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزدى

فىللىپىننىڭ جەنۇبىدا ياشاۋاتقان مورو مۇسۇلمانلىرى، رايوننىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان باڭسامورو ئورگانىك قانۇنى دائىرىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتىدە بېلەت تاشلىدى.

1139489
مورو مۇسۇلمانلىرى سىياسىي تەقدىرى ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىللىپىننىڭ جەنۇبىدا ياشاۋاتقان مورو مۇسۇلمانلىرى، رايوننىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان باڭسامورو ئورگانىك قانۇنى دائىرىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا بېلەت تاشلىدى.

رايوننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان لوناۋ دېل نورتېدىكى 6 رايون ۋە شىمالىي كوتاباتودىكى 67 ئولتۇراق رايوندا ياشاۋاتقان سايلىغۇچىلار، لاناۋ دېل نورتې ۋە شىمالىي كوتاباتودىكى بەزى ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ يېڭى ئاپتونوم رايونغا قوشۇلۇپ قوشۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاۋاز بېرىدۇ.

فىللىپىن سايلام كومىتېتى رايوندا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان، لۇماد، خىرىستىيان ۋە يەرلىك خەلقلەردىن تەشكىل تاپقان 640 مىڭ سايلىغۇچىنىڭ ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سايلام مەركەزلىرىدە سائەت 07:00دىن 15:00گىچە بولغان ئارىلىقتا بېلەت تاشلىنىدىغانلىقى، سايلام نەتىجىلىرىنىڭ 4 كۈن ئىچىدە ئېلان  قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باڭسامورو ئورگانىك قانۇنى بۇ يىل يانۋاردا رايوندىكى 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق مورو خەلقىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە ماقۇللاندى ۋە  مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان مىنداناۋ رايونىدا باڭسامورو ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى.

رايوندا 21-يانۋاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتىدىن كېيىن، لاناۋ دېل نورتې ۋە شىمالىي كوتاباتودىكى بەزى ئولتۇراق رايونلىرىنىڭمۇ يېڭى قۇرۇلىدىغان ئاپتونوم رايونغا قوشۇلۇپ قوشۇلمايدىغانلىقى ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

فىللىپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتې تەرىپىدىن بۇلتۇر ئىيۇلدا تەستىقلانغان باڭسامورو مۇسۇلمانلىرىنى ئالىي ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقلارغا ئېرىشتۈرگەن قانۇن، رايوندىكى مۇسۇلمانلارنى قانۇنىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ ئىمتىيازلىق ئورۇنغا كەلتۈرۈشنى مەزمۇن قىلىدۇ.  

يېڭى ئاپتونومىيەلىك قانۇنغا ئاساسەن باڭسامورو ئاپتونوم ھۆكۈمىتى قۇرۇلىدۇ، رايوندا دىنى ئەركىنلىك ساھەسىدە ئىسلام قانۇنىنىڭ ھۆكۈملىرىنى تەدبىقلايدىغان مەھكىمىلەر تەسىس قىلىنىدۇ، مەركىزى ھاكىمىيەت مىنداناۋدىكى مەمۇرىي ھوقۇقلىرىنى باڭسامورو ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. باڭسامورو رايونىدىكى چېگرالارنى مەركىزى ھاكىمىيەت بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىرلىكتە باشقۇرىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

سابىق مورو مەملىكەتلىك ئازادلىق  فىرونتى بىلەن مورو ئىسلامىي ئازادلىق فىرونتىنىڭ جەڭچىلىرى ساقچى قىسىمغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر