ئىراق ئارمىيەسى كەركۈك چېگراسىغا ئورۇنلاشتى.
ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىنىڭ چېگرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىراق فېدېرال ساقچى كۈچىدىن ئۆتكۈزۈۋالغان ئىراق ئارمىيەسىنىڭ 14 – ئەترىتى كەركۈك چېگراسىغا ئورۇنلاشتى.
1139260
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ساقچى كۈچى 2 - قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشلىرى مەسئۇلى مۇنتەزەر ئەسسەئىدىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراق باش مىنىستىرى ۋە قوراللىق قىسىملار قوماندانى ئادىل ئابدۇلمەھدىنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن ئىراق ئارمىيەسى 14 – ئەترىتى كەركۈك چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە رايونغا ئورۇينلاشقان بولۇپ، تەخمىنەن بىر يىلدىن بۇيان رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداۋاتقان فېدېرال ساقچى كۈچى كەركۈك شەھىرىدىن ئايرىلىدىكەن.
ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق قىسىملار 2017 – يىلى 16 – ئۆكتەبىر كۈنى كەركۈككە كىرىپ، شەھەردىكى پەشمەرگە مەۋجۇدىيىتىگە خاتىمە بەرگەنىدى.