ئامېرىكا بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىنى 302 مىليون 500 مىڭ دوللار تۆلەم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش مۇخبىرى مارىيە كولۋىننىڭ ئۆلتۈرىلىشىگە ئالاقىدار دېلودا، بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىنى 302 مىليون 500 مىڭ دوللار تۆلەم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلارنى خەۋەر قىلىپ كېلىۋاتقان مارىيە كولۋىن 2012 – يىلى سۈرىيەنىڭ ھۇمۇس ۋىلايىتىگە قاراشلىق باب ئامىر يېزىسىدا بىر قېتىملىق توپقا تۇتۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ۋەقەگە دائىر دېلو نەتىجىلەندى.
ۋاشىنگىتون فېدېراتىسيە سوت مەھكىمىسى سودىيەسى ئامىي بېرمان جېكسون كولۋىننىڭ سىڭلىسى ۋە سىڭلىسىنىڭ پەرزەنتلىرى تەرىپىدىن 2016 – يىلى سوتقا ئەرز سۇنۇلغاندىن كېيىن، دېلو تەكشۈرۈلۈپ، «ئەسەد ھۆكۈمىتى مارىيە كولۋىننى قەستەن ھۇجۇم نىشانى قىلغان» دەپ ھۆكۈم چىقاردى.
سوت مەھكىمىسى ئەسەد ھۆكۈمىتىنى 300 مىليون دوللار جازا ۋە 2 مىليون 500 مىڭ دوللارنى بولسا، كولۋىن ئائىلىسىنىڭ زىيانلىرى ئۈچۈن تۆلەم سۈپىتىدە، جەمئىي 302 مىليون 500 مىڭ دوللار تۆلەم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
ئامېرىكا قانۇنلىرىدا تېررولۇق جىنايەتلىرى ۋە تېررورلۇققا ياردەم بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىغا سالغان زېيىدىن باشقا ئىشلاردا چەت دۆلەتلەرنى دۆلەتلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش مەنئىي قىلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ سۈرىيەگە قارشى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۈچۈن ئىشلىگەن 2 ياللانما ئەسكەرنىڭ سۈرىيەدە ئۆلتۈرۈلىشىگە ئالاقىدار تۇرغۇزۇلغان دېلودا، ئامېرىكا سوت مەھكىمىسى سۈرىيەنى 413 مىليون دوللار جازا تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغان ۋە بۇ تۆلەم ئىللىنوس ئىشتاتىدا تۇرۇشلۇق «JP Morgan Chase» بانكىسىدىكى ئەسەد ھۆكۈمتىنىڭ مال – مۇلكىدىن تۇتۇۋىلىنغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.