گىرېتسىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس 5-6-فېۋرال كۈنلىرى تۈركىيەگە كېلىپ، ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلايدۇ.

1136788
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى دىمىترىس كاناكاپوۋلوس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، باش مىنىستىر چىپراسنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

دىمىترىس كاناكاپوۋلوس: «باش مىنىستىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 5-6-فېۋرال كۈنلىرى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ باش مىنىستىر چىپراسنىڭ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى، كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە كەچلىك تاماق زىياپىتى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى كاناكاپوۋلوس يەنە، باش مىنىستىر چىپراسنىڭ ئەنقەرەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىستانبۇلغا بارىدىغانلىقىنى ۋە فەنەر رۇم پاترىكى بارسولومېئوسنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر