ئافغانىستاندا ئىككى ساقچى تۆت ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ قېچىپ كەتتى

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەندەھار ۋىلايىتىگە قاراشلىق پانچاۋايى ناھىيەسىدە ئىككى ساقچى ئۆز كەسپداشلىرىنى ئوققا تۇتۇپ، تۆت ساقچىنى ئۆلتۈردى.

1136420
ئافغانىستاندا ئىككى ساقچى تۆت ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ قېچىپ كەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەندەھار ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئەزىز ئەھمەد ئەزىزى پانچاۋايىدىكى ساقچى پونكىتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىككى ساقچى مەمۇرىنىڭ بىرلىكتە خىزمەت ئۆتەۋاتقان ساقچىلارغا ئوق چىقارغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەھمەد ئەزىزى ھۇجۇمدا تۆت ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە ھۇجۇم قىلغۇچى ساقچىلارنىڭ كەسپداشلىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئەھمەد ئەزىزى ھۇجۇمنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان چېتىشلىقىنى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر