رۇسىيە ھەم ئامېرىكىغا، ھەم شىمالىي كورېيەگە پايدىلىق تەكلىپ سۇندى

رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيەگە مەخپىي تەكلىپ سۇنۇپ، ئامېرىكا بىلەن يادرو قورال پىروگراممىسى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش بەدىلىگە، شىمالىي كورېيەگە يادرو ئېلېكتىر ئىسستانسىسى قۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1136293
رۇسىيە ھەم ئامېرىكىغا، ھەم شىمالىي كورېيەگە پايدىلىق تەكلىپ سۇندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى ئامېرېكا مەسئۇللىرىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيە ئەگەر يادرو ۋە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىنى توختىتىشقا ماقۇل بولغان تەقدىردە، بۇنىڭ بەدىلىگە شىمالىي كورېيەگە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ رۇسىيەنىڭ بۇ تەكلىپىنى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىلىرىدا بايقىغانلىقى قەيت قىلىندى.

تەكلىپنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورال ئىشلەپچىقىرىشىنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقى ۋە ئىستانسىسىدىن چىقىدىغان تاشلاندۇق ماددىلار ياكى قوشۇمچە مەھسۇلاتلارنىڭ بولسا، رۇسىيەگە يۆتكەپ كېتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىيۇن ئېيىدا سىنگاپوردا شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇچرىشىشتىن كېيىن شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى يادرو قورال ئىشلەپچىقىرىش پىروگراممىلىرىنى توڭلىتىپ قويغان ئىدى.  

دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى ئوتتۇرىسىدا ئىككىنچى قېتىملىق ئۈچرىشىشنىڭ فېۋرال ئېيىدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر