ئىبراھىم كالىن بىلەن ترامپنىڭ مەسلىھەتچىسى بولتون سۈرىيە توغرۇلۇق كۆرۈشتى

ئىبراھىم كالىن بىلەن ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە كۆرۈشتى.

1135529
ئىبراھىم كالىن بىلەن ترامپنىڭ مەسلىھەتچىسى بولتون سۈرىيە توغرۇلۇق كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئبىراھىم كالىن بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون تېلېفوندا كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن ھەپتە تېلېفوندا كۆرۈشكەندە كېلىشكەن مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلاتلىرى تىلغا ئېلىندى.

سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بەكرەك تىلغا ئېلىنغان كۆرۈشۈشتە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەدىن چېكىندۈرۈپ چىقىش ۋە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرلىكى، شۇنداقلا مۇنبىچ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

ئىبراھىم كالىن بىلەن بولتون ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىش پىلانى ئۈستىدىمۇ كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر