ۋېنېزۇئېلا سوتى خۇەن گۇايدو ھەققىدىكى تەدبىرلەرنى تەستىقلىدى

ۋېنېزۇئېلا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مايكېل مارېنو ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان دۆلەت پارلامېنتى باشلىقى خۇەن گۇايدو ھەققىدىكى ئېھتىياتەن تەدبىرلەرنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1135513
ۋېنېزۇئېلا سوتى خۇەن گۇايدو ھەققىدىكى تەدبىرلەرنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مايكېل مارېنو ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئېھتىياتەن تەدبىرلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا: «خۇەن گۇايدو ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشلەر ئاخىرلاشقىچە چەت ئەلگە رۇخسەتسىز چىقىشنى ۋە مال-مۈلكىنى سېتىشنى چەكلەش، بانكا ھېسابلىرى ياكى ۋېنېزۇئېلا تەۋەلىكىدە ئىگە بولغان باشقا ئىقتىسادىي مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش قاتارلىق ئېھتىياتەن تەدبىرلەر تەستىقلاندى» دېدى.

ۋېنېزۇئېلا باش تەپتىشى تارېك ۋىليام ساب ئۆكتىچى رەھبەر خۇەن گۇايدو ھەققىدە ئېھتىياتەن تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش توغرىسىدا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون تۋىتتېردا ۋېنېزۇئېلا باش تەپتىشى تارېك ۋىليام سابنىڭ ۋېنېزۇئېلا ئالىي سوتىغا سۇنغان ئەرزى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ: «ۋېنېزۇئېلانىڭ غەيرىي رەسمىي سابىق باش تەپتىشىنىڭ دۆلەت پىرېزىدېنتى خۇەن گۇايدوغا سالغان تەھدىتلىرىنى رەت قىلىمىز. يەنە شۇنى قايتا تەكرارلىماقچىمەن: ۋېنېزۇئېلادا دېموكراتىيەنى يىقىتىش ۋە خۇەن گۇايدوغا زىيان بېرىشكە ئۇرۇنغانلار ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدۇ» دېدى.

ئۆزىنى ۋېنېزۇئېلانىڭ «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتى» دەپ ئېلان قىلغان خۇەن گۇايدو مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەندە: «تۈرمە تەھدىتىنى كەمسىتمەيمەن، ئەمما دۆلەتتىكى ھېچقانداق شەيئىي يېڭى ئەمەس» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر