ترامپ ۋېنېزۇئېلاغا قورال كۈچى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراھام پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئۆزىگە ۋېنېزۇئېلاغا قورال كۈچى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا ئېغىز ئاچقانلىقىنى بىلدۈردى.

1135191
ترامپ ۋېنېزۇئېلاغا قورال كۈچى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى گراھام ئەكسىيوس (Axios) ئىنتېرنېت خەۋەر بېتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسى بويىچە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدە توختالدى.

گراھام پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قورال كۈچى ئىشلىتىش توغرىسىدا پىكرىنى سورىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا، بۇنداق ھەرىكەتنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ناھايىتى ھەيرانمەن، سەن ھەممىنى كونترول قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمسەن، دېدى. مەن ھەممە ئادەمنى كونترول قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىمنى، پەقەت دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغاندىلا قورال كۈچى ئىشلىتىشنى خالايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم» دېدى.

ئۇ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسىدە «ئۇرۇش تەرەپدارى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

چارشەنبە (23-يانۋار) كۈنى ۋېنېزۇئېلادا ئۆكتىچىلەر ۋە مادۇرو ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغانلار ئۆتكۈزگەن نامايىشلار، ۋېنېزۇئېلا ھەمدە رايون نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، چوڭ ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەب بولغان ئىدى.

ئۆكتىچىلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان دۆلەت پارلامېنتى باشلىقى خۇەن گۇايدو نامايىشتا ئۆزىنى ۋېنېزۇئېلانىڭ «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتى» دەپ ئېلان قىلدى. خۇەن گۇايدونىڭ «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتلىقى» نى، ئامېرىكا، كانادا، كولومبىيە، پېرۇ، ئېكۋاتور، پاراگۋاي، بىرازىلىيە، چىلى، پاناما، ئارگېنتىنا، كوستارىكا ۋە گىۋاتېمالا قاتارلىق دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

مېكسىكا، تۈركىيە، رۇسىيە، خىتاي ۋە كۇبا ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرونى قوللىغان ئىدى.

مادۇرو كاراكاستىكى پىرېزىدېنتلىق سارىيىنىڭ بالكونىدىن قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزگەنلىكلىرىنى ۋە ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ 72 سائەت ئىچىدە ۋېنېزۇئېلادىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ يەنە، كېيىنكى باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، ئەمما سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر