رۇسىيە ھاماس رەھبەرلىرىنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلدى

رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار ئارىسىدا ئۆزئارا مۇرەسسەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ھاماسنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1134916
رۇسىيە ھاماس رەھبەرلىرىنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار ئارىسىدا مۇرەسسەلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىدا رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان يىغىن ئۈچۈن، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھاماس رەھبەرلىرىنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاماس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق شەرق تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، پەلەستىندىكى بۆلۈنۈشلەرگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، بۇ مۇھىم پۇرسەتتىن پايدىلىنىش كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.

پەلەستىننىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابدۇل ھەفىز نۇفەل موسكۋادا 11فېۋرالدا پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، بىر يىغىن چاقىرىشنىڭ پىلان قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

رۇسىيە دېكابىر ئېيىدا پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدا مۇرەسسەلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەل فەتىھ بىلەن ھاماسنى تەكلىپ قىلىپ، موسكۋادا يىغىن چاقىرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر