پاكىستاننىڭ بېلۇجىستان ئۆلكىسىدە ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ بېلۇجىستان ئۆلكىسىدە بىر ساقچى پونكىتىغا قىلىنغان بومبا ۋە قوراللىق ھۇجۇمدا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە، 8 ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 كىشى يارىدار بولدى.

1135082
پاكىستاننىڭ بېلۇجىستان ئۆلكىسىدە ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ غەربىدىكى بېلۇجىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق لورالاي شەھىرىدىكى ھۇجۇم ساقچى نامزاتلىرى ئىمتىھان بېرىۋاتقان پەيتتە يۈز بەردى. 

ھۇجۇمد،ا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 8 ساقچى، 2 پۇقرا بولۇپ، جەمئىي 10 كىشى يارىدار بولدى.

رايوندىكى ساقچى پونكىتى بىخەتەرلىك جەمبىرى ئىچىگە ئېلىندى. يارىدارلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىندى.

بۇ رايوندا 1 – يانۋاردىمۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، چېگرا مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ ئائىلە قورۇسى ۋە مەشىق مەركىزى جايلاشقان ساقچىلار رايونىغا باستۈرۇپ كىرمەچى بولغان تېررورچىلاردىن بىرسى بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقان ئىدى.

پارتلاشتا، 4 ساقچى ئۆلگەن ۋە قايتۇرما ھۇجۇمدا 4 تېررورچى ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر