مادۇرو ۋېنېزۇئېلانىڭ تارىخىي كۈرەشكە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكانىڭ مەقسىتىنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ بايلىقلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1134904
مادۇرو ۋېنېزۇئېلانىڭ تارىخىي كۈرەشكە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزگەن ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرو ئامېرىكادىن قايتىپ كەلگەن ۋېنېزۇئېلا دىپلوماتلىرىنى كاراكاستىكى پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا كۈتۈۋالدى. ئۇ ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ كىتگو (Citgo) ۋە پدۋسا (PDVSA) نېفىت شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئامېرىكا بۇ ئېمبارگولىرى ئارقىلىق كىتگونى ۋېنېزۇئېلالىقلاردىن تارتىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ قانۇنغا خىلاپ. پدۋسا بىلەن كىتگونىڭ مەسئۇللىرىغا كېرەكلىك قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى باشلاش توغرىسىدا يوليورۇق بەردىم. بۇنىڭدىن ئامېرىكانىڭ مەقسىتىنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ بايلىقلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ۋېنېزۇئېلانىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكاغا تېگىشلىك قانۇنىي جەھەتتىن تېگىشلىك جاۋاب بېرىمىز» دېدى.

مادۇرۇ ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان دۆلەت پارلامېنتى باشلىقى خۇەن گۇايدونىڭ تەلىپى بىلەن، ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئامېرىكادىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلارغا سەپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پۇل تەكلىپ سۇنۇلغانلىقىنى، بىراق دىپلوماتلارنىڭ بۇنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆكتىچىلەرگە قىلغان دىيالوگ چاقىرىقىنى تەكرارلاپ، مۇنداق دېدى:

«ۋېېنېزۇئېلادىكى نۇرغۇن ئۆكتىچى رەھبەرلەرنىڭ، ۋېنېزۇئېلا يۈزلىنىۋاتقان ئاشقۇنلۇققا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. بىراق، ئاۋاز چىقارماسلىق داۋاملاشتۇرسا، ۋېنېزۇئېلادا يۈز بېرىدىغانلاردىن ئۇلارمۇ جاۋابكار بولىدۇ. ھازىر، جاسارەت ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشكە ياق دەيدىغان، دىيالوگ ئۈستىلىدە ئولتۇرىدىغان ۋاقىت.»

ئۇ ۋېنېزۇئېلانىڭ بىر قېتىملىق تارىخىي كۈرەشكە دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«تارىخىي كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز، تارىىىي ئۇرۇشقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋاقتى 20-ئەسىردە قالدى. ۋېنېزۇئېلا 20-ئەسىرگە قايتمايدۇ. ۋېنېزۇئېلا ئۆزى بېكىتكەن دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك يولىدا داۋاملىق ئىلگىرىلەيدۇ.»

چارشەنبە (23-يانۋار) كۈنى ۋېنېزۇئېلادا ئۆكتىچىلەر ۋە مادۇرو ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغانلار ئۆتكۈزگەن نامايىشلار، ۋېنېزۇئېلا ھەمدە رايون نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، چوڭ ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەب بولغان ئىدى.

ئۆكتىچىلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان دۆلەت پارلامېنتى باشلىقى خۇەن گۇايدو نامايىشتا ئۆزىنى ۋېنېزۇئېلانىڭ «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتى» دەپ ئېلان قىلدى. خۇەن گۇايدونىڭ «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتلىقى» نى، ئامېرىكا، كانادا، كولومبىيە، پېرۇ، ئېكۋاتور، پاراگۋاي، بىرازىلىيە، چىلى، پاناما، ئارگېنتىنا، كوستارىكا ۋە گىۋاتېمالا قاتارلىق دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

مېكسىكا، تۈركىيە، رۇسىيە، خىتاي ۋە كۇبا ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرونى قوللىغان ئىدى.

مادۇرو كاراكاستىكى پىرېزىدېنتلىق سارىيىنىڭ بالكونىدىن قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزگەنلىكلىرىنى ۋە ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ 72 سائەت ئىچىدە ۋېنېزۇئېلادىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ يەنە، كېيىنكى باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، ئەمما سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر