خىتاي بىلەن سۇدان مەسئۇللىرى سوداننىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلەشتى

سۇدان مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى فايسال ھەسەن ئىبراھىم خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن سۇداننىڭ يېقىنقى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1135183
خىتاي بىلەن سۇدان مەسئۇللىرى سوداننىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان خەۋەر ئاگېنتلىقى «SUNA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۇدان مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى فايسال ھەسەن ئىبراھىم پايتەخت بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، سۇداندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەمدە خىتاينىڭ قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا تەشەككۈر مەكتۇبىنى تەقدىم قىلغان.  

مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ئىبراھىم يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە ۋاڭ يىغا مەلۇمات بەرگەن ۋە سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان تەدبىرلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن.

ۋاڭ يى خىتاينىڭ ھەم ھۆكۈمەت، ھەم خەلق سەۋىيەسىدە سۇداننى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسى بويىچە سۇداننى بىرىنچى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى دەپ قارايدۇ. خىتاي 1999يىلىدا سوداننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.

2011 - يىلى جەنۇبىي سۇدان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان سۇدان كۈنلۈكى 120 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر