بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىبقا بولغان ھۇجۇمىنى توختاتمىدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلارنىڭ «ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» ئىچىدىكى تۇرالغۇ جايلارنى توپقا تۇتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1135278
بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىبقا بولغان ھۇجۇمىنى توختاتمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلار «ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» ئىچىدىكى تۇرالغۇ جايلارنى توپقا تۇتتى. بومباردىماندا، ئەڭ ئاز دېگەندە بەش پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، 25 پۇقرا يارىلاندى.

بەششار ئەسەد كۈچلىرى «ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» ئىچىدىكى مارراتىننۇمان ناھىيەسى، ئەل تۇھ ۋە خوش ئەل قىسسابىييە يېزىلىرىنى توپ بىلەن بومباردىمان قىلدى.

ئىدلىب پۇقرالار قوغدىنىش مۇدىرى مۇستاپا ھاج يۇسۇف ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ بۈگۈن (29-يانۋار) چۈشتە رايوننى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاج يۇسۇف: «ئىدلىبنىڭ جەبۇبىدىكى مارراتىننۇمان ناھىيەسىگە 13 قېتىم توپ ۋە راكېتا ھۇجۇمى قىلىندى. دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەڭ ئاز دېگەندە بەش پۇقرا جېنىدىن ئايرىلىپ، 25 پۇقرا يارىلانغان» دېدى.

پۇقرالار قوغدىنىش جەمئىيىتىنىڭ خادىملىرىنىڭ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ۋە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

بەششار ئەسەد كۈچلىرى تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىدلىبتا ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سوچى كېلىشىمى ئىمزالانغان بولسىمۇ، ھۇجۇم قىلىشنى توختاتمىدى. قوراللىق ئۆكتىچىلەر 2018-يىل 17-سېنتەبىر ئىمزالانغان سوچى كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن رايوندىن ئېغىر تىپلىق قوراللىرىنى 2018-يىل 10-ئۆكتەبىر چېكىندۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر