ھىندونېزىيەنىڭ مالۇكۇ ئۆلكىسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى

يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەسى كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

1133578
ھىندونېزىيەنىڭ مالۇكۇ ئۆلكىسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە مېتېئورولوگىيە ۋە گىئوفىزىكا ئىدارىسى، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ مالۇكۇ ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئارۇ ئاراللىرىدىن 112 كېلومېتىر غەربىي شىمالىدا ئىكەنلىكىنى ۋە يەر يۈزىدىن 10 كېلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەن.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن دېڭىز تاشقىنى سىگنالىمۇ چېلىنمىدى.

غەربىي سۇمبا رايونىدىمۇ چارشەنبە كۈنى 6.2 بال ۋە 6.7 بال بولۇپ، ئىككى قېتىم يەر تەۋرىگەن ئىدى.


 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر