ئوسلودا بالىلارغا ئەڭ كۆپ «مۇھەممەد» ئىسمى قويۇلىدۇ

نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا بالىلارغا ئەڭ كۆپ «مۇھەممەد» ئىسمى قويۇلىدۇ.

1133154
ئوسلودا بالىلارغا ئەڭ كۆپ «مۇھەممەد» ئىسمى قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە ئىستاتىستىكا ئىشخانىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2018 – يىلى ئوغۇل تۇغۇلغان بالىلارغا ئەڭ كۆپ «مۇھەممەد» ئىسمى قويۇلغان بولۇپ، ئۇدا 10 يىلدىن بۇيان بىرىنچىلىكنى قولدىن بېرىپ قويمىغان«مۇھەممەد» ئىسمىدىن قالسا، لۇكاس، فىلىپ ۋە ئولىۋېر قاتارلىق ئىسىملار كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

نورۋېگىيە ئىستاتىستىكا ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى جورگېن ئورېننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەھۋال ئوسلوخا خاس بولۇپ، پۈتكۈل نورۋېگىيەنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىكەن. ئوسلونىڭ نوپۇسىنىڭ % 8.7 تىنى پاكىستانلىقلار، سومالىلىقلار، ئىراقلىق ۋە ماراكەشلىكلەر تەشكىل قىلىدىكەن. مۇسۇلمانلار بالىلىرىغا ئەڭ كۆپ «مۇھەممەد» ئىسمىنى قويىدىكەن.

«مۇھەممەد» 2017 – يىلى شىۋېيتسارىيەنىڭ مالمو شەھىرىدە ئەڭ كۆپ قويۇلغان ئىسىم بولۇپ قالغان، شۇ يىلى ئەنگلىيە ۋە گاللېردىمۇ «ئەڭ كۆپ تاللىنىدىغان ئىسىملار تىزىملىكى» دە 10 – رەتكە تىزىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر