رۇسىيە ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسىدە ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇردى

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي ريابكوۋ ئامېرىكانى ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتىگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.

1132408
رۇسىيە ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسىدە ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي ريابكوۋ ئامېرىكانى ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتىگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلاشماسلىقنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «بۇنداق قەدەم بېسىلغاندا، ئاپەت سېنارىيەسى بولىدۇ. ۋېنېزۇئېلا بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكىمىز ۋە داۋاملىق مۇشۇنداق بولىدۇ» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلا پارلامېنتى باشلىقى خۇەن گۇايدونى ۋېنېزۇئېلانىڭ «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتى» دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقى ئۈستىدە توختالغاندا، ئامېرىكا ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«رايوندىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىقلارنىڭ چوڭقۇرلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىۋاتىمىز.»

ئۇ رۇسىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئاخىرلاشتۇرمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ۋېنېزۇئېلا بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكىمىز ۋە داۋاملىق مۇشۇنداق بولىدۇ. ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىنى ۋېنېزۇئېلا بىلەن بىرلىكتە قوغدايمىز» دېدى.

ۋېنېزۇئېلادا پارلامېنت باشلىقى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى خۇەن گۇايدو، نىكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ جاكارلىغان ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن (23-يانۋار) بايانات ئېلان قىلىپ، خۇەن گۇايدونى ۋېنېزۇئېلانىڭ «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتى» دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر