دونالد ترامپ كىم جوڭئۇنغا خۇسۇسىي مەكتۇپ يوللىدى

شىمالىي كورېيە مېدىياسى، شىمالى كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپتىن بىر مەكتۇپ تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 2 – قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى ئۈچۈن تەييارلىقلارنى باشلاش يوليۇرۇقى چۈشۈرگە

1132225
دونالد ترامپ كىم جوڭئۇنغا خۇسۇسىي مەكتۇپ يوللىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىىق «KCNA» ئالدىنقى ھەپتە ۋاشىنگىتوندا ترامپ ۋە باشقا مەسئۇللار بىلەن كۆرۈشكەن شىمالىي كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى كىم پوڭچول ئارقىلىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا بىر خۇسۇسىي مەكتۇپ يوللىىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، شىمالىي كورېيە ۋەكىلىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى نەتىجىسىدىن شۇنداقلا ترامپتىن تاپشۇرۇۋالغان مەكتۇپتىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى. شىمالىي كورېيە رەھبىرى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى قەتئىي ئىرادىلىرىنى ۋە ئارزۇلىرىنى مەدھىيەلەپ تىلغا ئالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خەۋەردە كىم جوڭئۇننىڭ ۋاشىنگىتون ۋە پىيوڭياڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان 2قېتىملىق ئالىي يىغىن ئۈچۈن تېخنىكلىق تەييارلىقلارنىڭ باشلىنىشىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈگەنلىكى ھەمدە: «سەۋەرىچانلىق ۋە ياخشى نىيەت بىلەن كۈتىمىز. ئامېرىكا بىلەن ئۆزئارا شەكىللىنىدىغان نىشانلارغا قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەيمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى. 

ئاق ساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس 18دېكابىردا، «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللاردىن پاكلىنىشى ۋە فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي يىغىن ھەققىدە كىم يوڭچول بىلەن بىر يېرىم سائەت مۇزاكىرىلەشتى» دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

ساراھ ساندېرس يىغىننىڭ ئورنىنىڭ كېيىنچە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «پىرېزىدېنت ترامپ يىغىندا كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ يانۋارنىڭ ئاخىرىدا ئىشقا ئاشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. 

ترامپ بىلەن كىم تۈنجى قېتىم 2018يىلى 12ئىيۇندا سىنگاپوردا ئۇچراشقان، ئاندىن ئىككى رەھبەر شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللاردىن پاكلىنىشى جەھەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر