ئامېرىكىنىڭ «ناھايىتى پەرقلىق تەھدىتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى» بىلدۈرۈلدى

ۋاشىنگتون دائىرىلىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارىتا خىتاينىڭ ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشى ۋە رۇسىيەنىڭ تەسىر ساھەسىنى كېڭەيتىش تىرىشچانلىقلىرىغا ئوخشاش «ناھايىتى پەرقلىق خەۋپلەر» نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلدى.

1131349
ئامېرىكىنىڭ «ناھايىتى پەرقلىق تەھدىتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى» بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان ھەر خىل ئورگانلارنىڭ ئالدىنقى پىلاندىكى خىزمەتلىرى بېكىتىلىدىغان دۆلەت ئىستىخبارات ئىستراتېگىيەسى دوكلاتىدا، ئامېرىكىنىڭ «تەھدىتلەر ناھايىتى پەرقلىق ۋە بىر – بىرى بىلەن باغلىنىش ھالغا كەلگەن ۋە بارغانچە ئېنىقسىز ۋە مۇرەككەپلىشىۋاتقان بىر دۇنياغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى» ئەسكەرتىلدى.

تەھدىتلەر دەرىجىلەرگە ئايرىلمىغان دوكلاتتا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاجىزلىشىشقا يۈز تۇتقان خەلقئارا تۈزۈمدىن پايدىلانماقچى بولغان «ئەنئەنىۋى دۈشمەنلەر» پەيدا قىلغان تەھدىت ۋە غەربتە بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئابىستراكىتلاشتۇرغۇچى مايىللىقلار تەكىتلەپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا، «رۇسىيەنىڭ تەسىرى ۋە سالاھىيىتىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىش ئېھتىمالى بار، (بۇ) ئامېرىكىنىڭ  پەرقلىق جايلاردىكى نىشانلىرى ۋە ئالدىنقى پىلاندىكى ئىشلىرى بىلەن زىتلىشىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ئىستىكى، ئامېرىكا دۈشمەنلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقان سىبەر ئىقتىدارى ۋە دۇنيادىكى سىياسىي مۇقىمسىزلىقلار ئېھتىماللىق دائىرىسىدىكى خەۋپلەر دەپ قارالغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندا نوپۇز تىكلەش تىرىشچانلىقى ۋە ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشى مەسىلىلىرىگە كەڭ ئورۇن بېرىلدى.

دۆلەت ئىستىخبارات ئىشلىرى دىرېكتورى دان كوتس دوكلات بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلغان مەكتۇپىدا، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ «داۋالغۇشلۇق ۋە مۇرەككەپ» ۋەزىيەتكە ماسلىشىشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى. ئۇ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدا مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «21 – ئەسىرنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭىشقا، ئوتتۇرىغا چىققان تەھدىتلەر ۋە پۇرسەتلەرنى تونۇپ يېتىشكە تەييار بولۇشىمىز لازىم» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىستىخبارات ئىستراتېگىيەسى دوكلاتى ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر