پۇتىن بىلەن شىنزو ئابې تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن كېڭەش ئۆتكۈزدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىرپۇتىن بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېى تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

1131218
پۇتىن بىلەن شىنزو ئابې تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن كېڭەش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىرپۇتىن، ياپونىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋىلادىمىر پۇتىن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئاب بىلەن پايتەخت موسكۋادا 3 سائەت كۆرۈشكەندىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

شىنزو ئابې بىلەن ئەتراپلىق كېڭەش ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان پۇتىن: ئىككىمىز تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق، بۇ ئىش ئۈچۈن زور ۋاقىت سەرپ قىلدۇق، دېدى.

رۇسىيەنىڭ ياپونىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاشقا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان پۇتىن مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز، مەقسىتىمىز ھەر ئىككى دۆلەت خەلقى قوللايدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت.»

شىنزو ئابې بىلەن بۇلتۇر نويابىردا سىنگاپوردا كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتقان پۇتىن: ئۇ چاغدا ئىككىمىز 1956-يىلى ياپونىيە بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىمزالانغان خىتابنامەنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانىدۇق، بۈگۈن كۆرۈشكەن چاغدىمۇ رۇسىيەنىڭ بۇ ئىشقا ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردۇق، دېدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې، ياپونىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ كۇرىل ئاراللىرىدىكى ئورتاق ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «بىز يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنىمۇ كۈچەيتىمىز، بىز 1956-يىلى ئىمزالانغان خىتابنامىنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزىمىز، بىز بۇ مەسىلىنى مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە مۇزاكىرە قىلىمىز.»

رۇسىيە بىلەن ياپونىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رۇسلار كۇرىل ئاراللىرى، ياپونلار شىمالىي رايونلار دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان زېمىن مەسىلىسى تۈپەيلى پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلماسلىقلىرى سەۋەبىدىن، رەسمىي تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلالمىغانىدى.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 1949-يىلى كۇرىل ئاراللىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئارالدا ياشايدىغان بارلىق ياپونىيە پۇقرالىرىنى قوغلاپ چىقارغانىدى.

ئىككى دۆلەت تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 2014-يىلى مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە باشلايدۇ، بىراق ئۇكرائىنا كىرىزىسى تۈپەيلى مۇزاكىرىلەر توڭلىتىپ قويۇلىدۇ.

بۇ رايون تىنچ ئوكياندىكى ئىتۇرۇپ، كۇناشىرى، شىكوتان ۋە ھابوماي ئاراللىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر