مالتا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

مالتا پىرېزىدېنتى مارىې لۇئىسى كولوئىرو پرېكا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 23، 24 – يانۋار كۈنلىرى تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1131094
مالتا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، پرېكانىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، مالتا بىلەن تۈركىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن، ئوخشاش بولمىغان ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يولىدا تاشلاشقا بولىدىغان قەدەملەر مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.

ئۇچرىشىشلاردا يەنە، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئەزالىق مۇساپىسى بىلەن رايون شۇنداقلا خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى پىلانلانماقتا.

مالتا پىرېزىدېنتىنىڭ يەنە 23 – يانۋاردا ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان تۈركىيە – مالتا سودا كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سودا – سانائەتچىلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەزكۇر زىيارەتنىڭ مالتانىڭ تۈركىيەدە پىرېزىدېنت دەرىجىلىك تۇنجى رەسمىي زىيارىتى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر