ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئىككىنچى پىلانىنى ئېلان قىلدى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي ھۆكۈمەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز چېكىنىشتىن ۋاز كېچىش توغرىسىدىكى تەلەپلەر ئۈستىدە توختالغاندا، بۇنىڭ يولىنىڭ پارلامېنتتا بىر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش كېلىشىمىنىڭ تەستىقلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1130516
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئىككىنچى پىلانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش كېلىشىمى پارلامېنتتا رەت قىلىنغاندىن كېيىن، «ئىككىنچى پىلانى» نى ئېلان قىلدى.

باش ۋەزىر تىرېسا مېي پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسىدا پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاب قىلغاندا، ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئاۋازغا قويۇشتىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئاۋازغا قويۇشتىن كېيىن، پارلامېنتتىكى پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇ كۆرۈشۈشلەرنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز چېكىنىش ئېھتىمالىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى تەلەپلەرگە جاۋاب بېرىپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز چېكىنىشتىن ۋاز كېچىشنىڭ يولى، پارلامېنت بىر كېلىشىمنى تەستىقلىشى كېرەك، ھۆكۈمەت بۇنى مەقسەت قىلدۇ» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز چېكىنىشنى توسۇشنىڭ يەنە بىر يولىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ، رېفېراندۇمنىڭ نەتىجىسىگە قارشى چىقىش بولىدۇ ۋە بۇنىڭ كۆزىتىلىشى كېرەك بولغان يول ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلمايدىغانلىقىنى، پەقەتلا كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ بۇ يولنى قوللاش ئېھتىمالىنىڭ ئىنتايىن ئاز بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باش ۋەزىر تىرېسا مېي يېڭى رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈش تەلەپلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ۋەزىپىمىز بىرىنچى رېفېراندۇمنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. ئىككىنچىسىنىڭ قىلىنىشى، بۇ دۆلەتتە رېفېراندۇملارنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمىز ھەققىدە چوڭ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ، ئەنگلىيەنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلارنىڭ قولىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. يېڭى رېفېراندۇمنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، ئەنگلىيە ماي ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىغا قاتنىشىشقا مەجبۇر قالىدۇ.»

باش ۋەزىر تىرېسا مېي ھۆكۈمەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش كېلىشىمىدىكى «تەدبىر ماددىسى» كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «بېلفاست» (Belfast) كېلىشىمىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقى ھەققىدە چىققان گەپ-سۆزلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بۇندىن كېيىنكى ئۇچرىشىشلىرىدا، شوتلاندىيە، گاللېر ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە ۋەكىللىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ كۆرۈشۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز چېكىنىش ئەمەلگە ئاشقاندا، ئەنگلىيەدە ياشايدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش رەسمىيەتلىرى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن 65 فوندستېرلىڭلىق ھەقنىڭمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇندىن كېيىن پارلامېنتتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىشلار ھەققىدە توختالغاندا، پارلامېنتقا بىر تەكلىپ سۇنىدىغانلىقلىرىنى ۋە 29-يانۋار ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر