رۇسىيە-ناتو باش ئەلچىلىرى بىريۇسسېلدا توپلىنىدۇ

رۇسىيە بىلەن ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى جۈمە (26-يانۋار) كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا يىغىن ئۆتكۈزىدۇ.

1130335
رۇسىيە-ناتو باش ئەلچىلىرى بىريۇسسېلدا توپلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو رەھبەرلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ناتو-رۇسىيە كېڭىشى، رۇسىيە بىلەن سىياسىي دىيالوگنىڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن توپلىنىدىكەن. يىغىننى ئۆتكۈزۈش ۋاقتى موسكۋا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرەلەر نەتىجىسىدە بېكىتىلگەن.

يىغىننىڭ، ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو بومبىسى كېلىشىمى (INF) دىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن بەرگەن 60 كۈنلۈك مۇددەتنىڭ توشۇشىغا ئاز قالغاندا چاقىرىلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە كېلىشىمدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن بەرگەن ۋاقىت 2-فېۋرالدا توشىدۇ.

2002-يىلى قۇرۇلغان ناتو-رۇسىيە كېڭىشى مېخانىزمى، تەرەپلەرنىڭ ئورتاق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بىراق، رۇسىيە 2014-يىلى قىرىمنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ناتو-رۇسىيە كېڭىشى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە قاناللىرىنى ئوچۇق تۇتۇشنىلا مەقسەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

باش ئەلچىلەر سەۋىيەسىدە توپلانغان كېڭەش، ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر