پ ي گ / پ ك ك يەنە بىر بازارنى قولغا كىرگۈزدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك، دەيرۇززۇرنىڭ دائېشنىڭ قولىدا قالغان ئىككى بازىرىنىڭ بىرىنى قولىغا كىرگۈزدى.

1130817
پ ي گ / پ ك ك يەنە بىر بازارنى قولغا كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن سۈرىيەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە دەيرۇززۇرنىڭ دائېشنىڭ قولىدا قالغان ئىككى بازىرىنىڭ بىرىنى قولىغا كىرگۈزدى.

پيگپكك، 8 كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشلار نەتىجىسىدە تۈنۈگۈن كېچە سۇسە بازىرىنى قولغا كىرگۈزدى. بۇنىڭ بىلەن دائېش باگوز بازىرىغا قاپسىلىپ قالدى.

ي پ گ / پ ك ك، ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشى بىلەن شىئىفە بازىرىنى 14 – يانۋاردا قولغا كىرگۈزگەنىدى.

دەيرۇززۇردا فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى رايونلاردا بولسا، ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى تۇرماقتا.

ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈرىيە زېمىنلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يېقىنىنى ئىشغالى ئاستىدا تۇتماقتا. بۇ تەشكىلات دائېشتىن ئېلىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلغان جايلاردىكى پۇقرالارنىڭ چىقىشىغا ۋە سىرتتىن رايونغا دورا ۋە ئاشلىق كىرگۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلمايدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە مىڭلاچە پۇقرا ئۇلارنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى باگوز بازىرىدا قاپسىلىپ قالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر