كېرچ بوغۇزىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

قارادېڭىزدىكى كېرچ بوغۇزىدا يېقىلغۇ ئالماشتۇرغان ئىككى پاراخوتتا مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتىدە 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1130899
كېرچ بوغۇزىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
kerc bogazi yangin1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تانزانىيە بايرىقى قادالغان  ئىككى پاراخوت قارادېڭىزدىكى كېرچ بوغۇزىدا يېقىلغۇ ئالماشتۇرۇۋاتقاندا، بۇ پاراخوتلاردىن بىرىدە پارتلاش مەيدانغا كەلگەن، ئارقىدىنلا ھەممە ياقنى قاپلاپ كەتكەن ئوت يەنە بىر پاراخوتقا يامرىغان، 16 سى تۈرك، 15 ھىندىستان پۇقراسى بولۇپ، جەمئىي 31 كىشىلىك پاراخوت خادىملىرى ئوت ئاپىتىدىن جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دېڭىزغا سەكرەپ، ياردەم كۈتكەن، ۋەقەدىن كېيىن، رۇسىيە ئاپەت رايونىغا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتكەن، ئوت ئاپىتىدە 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 14 دېڭىزچى قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن بولۇپ، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن، ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئېنىق بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر