پارىژدا «سېرىق جىلىتكىلىك ئاياللار»نامايىش ئۆتكۈزدى

پارىژدا سېرىق جىلىتكىلىك ئاياللار ھۆكۈمەت ۋە پىرېزىدېنت ماكرونغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1129491
پارىژدا «سېرىق جىلىتكىلىك ئاياللار»نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا «سېرىق جىلەتكىلىك ئاياللار» ھۆكۈمەتكە قارشى  نامايىش ئۆتكۈزدى.

سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ لىدېرلىرىدىن پىرىسكىللىيا لۇدوسكىيانىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن، پارىژنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ئېيفىل مۇنارىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان يۈزلەرچە كىشى، باستىل مەيدانىغا قاراپ ماڭدى.

ھۆكۈمەت ۋە پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكرونغا قارشى شوئارلار توۋلاشقان ئاياللار، ھۆكۈمەتتىن ئىقتىسادىي شارائىتلارنى ياخشىلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتى.

سابېل شەھىرىدىمۇ «سېرىق جىلىتكىلىك ئاياللار» نامايىش ئۆتكۈزدى، شەھەر مەركىزىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن ئاياللار ساقچىلارنىڭ سېرىق جىلىتكىلىك نامايىشچىلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.

فىرانسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى لاۋرېنت نۇنېز  مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، 19-يانۋاردا مەملىكەت مىقىياسىدا مەيدانغا كەلگەن نامايىشلاردا جېدەل چىقارغان 300 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 19-يانۋاردىكى نامايىشلارغا 147 مىڭ ئادەم قاتناشقان.

فىرانسىيەدە يېقىلغۇ باھالىرىنىڭ ئۆرلەپ ئىقتىسادنىڭ ناچارلاپ كېتىشىگە قارشى بۇلتۇر 17-نويابىردا باشلىغان كېيىنچە ماكرون ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيان ۋە نەپرەتكە ئايلىنىپ كەتكەن سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشى، فىرانسىيەنىڭ ھازىرقى  زامان تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ھېسابلىنىدۇ.  

نامايىشلاردا ھازىرغىچە 10 ئادەم ئۆلۈپ 2000دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى، تەخمىنەن 6000 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ 1000دىن ئارتۇق ئادەم قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.

نامايىشلاردا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقتى، دۆلەت ئورۇنلىرى ھۇجۇمغا ئۇچراپ ماگېزىنلار بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندى، ئاپتوموبىل ۋە ئەخلەت ساندۇقلىرى كۆيدۈرۈپ تاشلاندى.


خەتكۈچ: #پارىژ , #ماكرون

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر