شىمالىي ئىرېلاندىيەدە پارتلاش يۈز بەردى

شىمالىي ئىرېلاندىيەنىڭ لوندوندېرري شەھىرىدە بىر ئاپتوموبىلدا پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ساقچىلارنىڭ رايوندىكىلەرنى تارقاقلاشتۇرغانلىقى ۋە باشقا بىر شۈبھىلىك ئاپتوموبىلنىڭ پېيىغا چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1129231
شىمالىي ئىرېلاندىيەدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى دائىرىلىرى بايانات بېرىپ، لوندوندېرري شەھىرىدە شۇ جاي ۋاقتى سائەت 20 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە توختىتىپ قويۇلغان بىر ئاپتوموبىلدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى، ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن پارتلاشتىن كېيىن رايوندىكىلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى، بىر شۈبھىلىك ئاپتوموبىلنىڭ پېيىغا چۈشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

شىمالىي ئىرېلاندىيە 1960 – يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 1999 – يىلىدىكى بېلفاست كېلىشىمى تۈزۈلگەن چاغقىچە بۆلگۈنچى تېررورنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانىدى.

ئىككى ئىرېلاندىيەنى بىرلەشتۈرمەكچى بولغان كاتولىك بۆلگۈنچىلەر بىلەن ئەنگلىيە بىلەن بىرلىكتە قېلىشنى خالايدىغان پروتېستانلار توقۇنۇشقان رايوندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مەسىلىسى بىلەن تەڭ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر