خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ سابىق خىتاي باشلىقىنىڭ ئايالى فىرانسىيەدىن پاناھلىق تەلەپ قىلدى

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol» نىڭ سابىق خىتاي باشلىقى مىڭ خوڭۋېينىڭ ئايالى گىرېك مىڭ فىرانسىيەدىن پاناھلىق تەلەپ قىلدى.

1129015
خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ سابىق خىتاي باشلىقىنىڭ ئايالى فىرانسىيەدىن پاناھلىق تەلەپ قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «BBC» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol» نىڭ مەركىزىي ئىشخانىسى جايلاشقان لىيون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق گرېك مىڭ ئۆزى ۋە 7 ياشلىق قوشكىزەك پەرزەنتلىرى ئۈچۈن فىرانسيەدىن پاناھلىق تىلىگەن.

گرېك مىڭ «France Inter» رادىيوسىغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلىشىدىن قورقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «غەلىتە تېلېفونلار كەلمەكتە. ھەتتا ئاپتوموبىلىمغىمۇ زىيان سېلىشتى» دېدى.

گرېك مىڭ بىر خىتاي ئەر - ئايالنىڭ ئۆزىنى مېھمانخانىغىچە تەقىب قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن يۈزىنى ئاخباراتلارغا كۆرسەتمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol» تەرىپىدىن ئۆكتەبىر ئېيىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol» باشلىقلىقىغا سايلىنىشتىن ئىلگىرى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن مىڭ خوڭۋېينىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن 29سىنتەبىردە فىرانسيەدىن يولغا چىققانلىقى ۋە شۇ كۈندىن بېرى ئىز دېرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بولسا، ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى مۇئاۋىن مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەۋاتقان مىڭ خوڭۋېينىڭ قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا دائىر گۇمان بىلەن نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ۋە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol» خىتاينىڭ بۇ باياناتىدىن كېيىن، مىڭ خوڭۋېينىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئەسلىدە مىڭ خوڭۋېي 2016يىلى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol»نىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە سايلانغان بولۇپ، 2020يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىشى كېرەك ئىدى.
 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر