ئىران نېفىت ئېكسپورتىدا زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە

ئىران راسخوت ۋە پىلان ئىدارىسى باشلىقى مۇھەممەد بەكىر نوباخت ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت ساھەسىدە زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1128505
ئىران نېفىت ئېكسپورتىدا زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران راسخوت ۋە پىلان ئىدارىسى باشلىقى مۇھەممەد بەكىر نوباخت، ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت ساھەسىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگولىرى تۈپەيلى زور قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەد بەكىر نوباخت ئىراننىڭ ئامېرىكا ئېمبارگولىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ: نېفىت ئېكسپورت ساھاسىدە زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز، دېدى.

بەكىر نوباخت ئىران نېفىتلىرىنى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئەمەس دېڭىز ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «كېمەسازلىق ساھەيىمىزمۇ ئېمبارگو دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، ئەگەر ئېكسپورت ئۈچۈن پاراخوت تاپالىغان تەقدىردىمۇ ئۇ پاراخوتنى چوقۇم سۇغۇرتا ئىدارىسىگە تىزىملىتىش كېرەك، ئەپسۇس سۇغۇرتا ساھەيىمىزمۇ ئېمبارگولارغا دۇچ كەلمەكتە.»

2013-يىلدىن بۇيان ئامېرىكانىڭ  ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بەكىر نوباخت، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۈستىدە توختىلىپ:بۇ ئامېرىكالىق بىنورمال كىشى بىزنى ئاۋارە قىلىۋاتىدۇ، دېدى.

مۇھەممەد بەكىر نوباخت سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «بىز خەلقئاردا زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز، مەسىلەن بىز بۈگۈن كەچتە بىرەر شەخس ياكى دۆلەت بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈپ قالساق، ئەتسىلا بۇ شەخس ياكى دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ بىز بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن ۋاز كەچتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر