ترامپ ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسىدىن «ئىنتىقام»ئالدى

دونالد ترامپ ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ ساياھىتىنى كېچىكتۈرۈپ «ئىنتىقام»ئالدى.

1128136
ترامپ ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسىدىن «ئىنتىقام»ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسىدىن «ئىنتىقام»ئالدى.

دونالد ترامپ ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ بېلگىيە، مىسىر ۋە ئافغانىستان ساياھىتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا جەمئىيىتىدە غۇلغۇلا قوزغىغان بۇ ئەھۋال، ترامپنىڭ ئاۋام پالاتاسى باشلىقى پېلوسىغا ئەۋەتكەن مەكتۇب ئارقىلىق مەلۇم بولدى.

مەكتۇبنى «ھۆرمەتلىك مەجلىس باشلىقى ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ كېتىشى تۈپەيلى بىريۇسسېل، مىسىر ۋە ئافغانىستان ساياھىتىڭىزنى كېچىكتۈرىمەن»دەپ باشلىغان ترامپ، ھۆكۈمەت قايتىدىن ئېچىلغان تەقدىردە 7 كۈنلۈك زىيارەتنىڭ ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«800 مىڭ ئىشچى-خىزمەتچى مائاش ئالالمايۋاتقان ھالقىلىق بىر پەيتتە، زىيارىتىڭىزنى كېچىتۈرۈشىمنى توغرا چۈشىنىىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن»دېگەن ترامپ، نەنسى پېلوسىغا ۋاشىنگىتوندا قېلىپ ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىغا بەرپا قىلىنىدىغان بىخەتەرلىك تاملىرى توغرۇلۇق ئالاقىدار شەخسلەر بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى تەۋسىيە قىلدى.

پىرېزىدېنت ترامپ مەجلىس باشلىقى نەنسى پېلوسى ساياھەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇۋالغان تەقدىردە، ئۇنىڭ سودا ئايروپىلانلىرىغا چىقىپ ساياھەت قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ مەكتۇبىدا، دۆلەت ئارمىيەسىگە تەۋە ھەربىي ئايروپىلانلارنى بۇ ساياھەتتە ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مەجلىس باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ بەزى مەجلىس ئەزالىرى بىلەن ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان بۇ قېتىمقى ساياھىتىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئالدىن كەڭ جامائەتچىلىككە ئۇقتۇرۇشى تۈپەيلى نارازىلىق پەيدا بولغانىدى.

بولۇپمۇ ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى يوقلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن مەجلىس ھەيئىتىنىڭ ساياھەت پىلانىنىڭ ئالدىن ئۇقتۇرۇلۇشى بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن «ئېغىر مەسىلە»دەپ قارالدى.

بۇ دۆلەتلەرگە قىلىنىدىغان ھەر قانداق بىر ساياھەتتە ھازىرغىچە ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەۋە ھەربىي ئايروپىلانلار ئىشلىتىپ كېلىنىۋاتاتتى.  

دونالد ترامپنىڭ ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ ساياھىتىنى كېچىكتۈرۈپ كېچىكتۈرمەيدىغانلىقى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا قاتتىق مۇنازىرە قوزغىدى.

2018-يىلى 6-نويابىردىكى سايلاملاردا ئاۋام پالاتاسىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ مەجلىس باشلىقى پېلوسى، فېدراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ كېتىشى تۈپەيلى دونالد ترامپنى 29-يانۋاردا سۆزلەيدىغان « فېدراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى»ناملىق نۇتىقىنى كېچىكتۈرۈشكە چاقىرغانىدى.

نەنسى پېلوسىنىڭ چاقىرىقىغا ھازىرغىچە جاۋاب بەرمىگەن دونالد ترامپ، ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىغا 5 مىليارد 700 مىليون دوللار راسخوت كېتىدىغان بىخەتەرلىك تاملىرى بەرپا قىلىشنى  تەكلىپ  قىلغاندا، دېموكراتچىلار پارتىيەسى قارشى چىققانىدى.  

ئامېرىكانىڭ يىللىق راسخوت پىلانىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللىنىپ ماقۇللانمايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

ئامېرىكادا يىللىق راسخوت پىلانى تەستىقلانمىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا  فېدراتىپ ھۆكۈمىتى 27 كۈندىن بۇيان تاقاق ھالەتتە تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر