سۈرىيەدە خەلقئارا بىرلەشمە قىسىم بىر جامەنى ۋەيران قىلدى

سۈرىيەنىڭ دەيرىزور ۋىلايىتىگە قاراشلىق شەفافىيە ناھىيەسىدە خەلقئارا بىرلەشمە قىسمى بىر جامەنى ۋەيران قىلدى.

1128249
سۈرىيەدە خەلقئارا بىرلەشمە قىسىم بىر جامەنى ۋەيران قىلدى

سۈرىيەنىڭ دەيرىزور ۋىلايىتىگە قاراشلىق شەفافىيە ناھىيەسىدىكى بىر جامە، تېرررولۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى قۇرۇلغان بىرلەشمە قىسىم تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى.

بىرلەشمە قىسىم تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «2019-يىلى 17-يانۋاردا سۈرىيەنىڭ شەفافىيە رايونىدا دائېشنىڭ بىر جامەدىكى كونترول ۋە قوماندانلىق ئورنى بىرلەشمە قىسىم تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى.»

دائېشنىڭ جامەگە ئوخشاش ھەربىي ھەرىكەتلەردىن خالىي ئورۇنلاردىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا يەنە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «بۇ ھۇجۇمدا سۈرىيەدىكى شىرىكلىرىمىزگە تەھدىت پەيدا قىلغان تېررورچىلار ئۆلتۈرۈلدى، شۇنداق قىلىپ  دائېشنىڭ يەنە بىر ئۇۋىسى ۋەيران قىلىندى.»

بىرلەشمە قىسىم ئۆتكەن ئايمۇ ھەججىن ناھىيەسىدىكى بىر جامە ۋە بىر دوختۇرخانىغا ھۇجۇم قىلىپ ئونلارچە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  بىرلەشمە قىسىم بۇلتۇر 22-ئۆكتەبىردە ھەججىن ناھىيەسىدىكى زەۋىيە ئىسىملىك بىر جامەگە ھۇجۇم قىلىپ 7 ئادەمنىڭ، 21-ئۆكتەبىردىمۇ دائېش بىلەن  ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ توقۇنۇشلىرىغا سەھنە بولغان ھەججىن ناھىيەسىدىكى بىر قارىخانىغا ھۇجۇم قىلىپ يەنە 6 ئادەم جېنىغا زامىن بولغان.  

دائېشقا قارشى بولغان بىرلەشمە قىسىمغا تەۋە ئايروپىلانلارنىڭ بۇلتۇر 19-ئۆكتەبىردە جۈمە نامىزى ئوقۇلىۋاتقان ئوسمان بىن ئاففان جامەسىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە 16 ئادەم ئۆلگەنىدى. بۇ رايوندا يەنە 17- ئۆكتەبىردە ئاممار بىن ياسەر ئىسىملىك بىر جامەنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، ھۇجۇمدا 2سى بالا بولۇپ جەمئىي 30 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

بىرلەشمە قىسىم جامەلەرنى ئەمەس دائېشنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ياقلاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر