شىۋېتسىيەدە ئاخىرى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى
شىۋېتسىيەدە ئىجتىمائىي دېموكراتچىلار پارتىيەسى بىلەن يېشىللار پارتىيەسى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقتى.
1128545
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيەدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى.
ئىجتىمائىي دېموكراتچىلار پارتىيەسى بىلەن يېشىللار پارتىيەسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت، پارلامېنتتا ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشتى.
ئىجتىمائىي دېموكراتچىلار پارتىيەسى باشلىقى ۋە شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى سىتىپان لۆفېن، 2014-يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ كەلگەن قىزىل-يېشىل بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە تۆت يىل شىۋېتسىيەنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شىۋېتسىيەدە بۇلتۇر 9-سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن كېيىن سولچىللار پارتىيەسى 144، ئوڭچىللار پارتىيەسى 143، ئاشقۇن مىللەتچى پارتىيەسى بولسا 62 ئورۇندۇققا ئېرىشكەنىدى.
سايلامدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقانىدى.